
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى مۇخبىرنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئاخبارات مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سائەت 17دىن 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى سائەت 5كىچە، بېيجىڭ تيەنئەنمېن رايونىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ 3 - قېتىملىق ئۇنىۋېرسال مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلگەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ بىر قېتىملىق پۈتۈن جەريانلىق، پۈتۈن ئامىللىق تەييارلىق مانېۋىرى، شۇنداقلا خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئۇنىۋېرسال مانېۋىرى بولۇپ، خاتىرىلەش يىغىنى مۇراسىمى (ھەربىي پاراتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، مەيدان يۆتكەش، تاماشىبىنلارنى تەشكىللەش ھەم جىددىي بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەرقايسى تەرتىپ، ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ جىپسىلىشىشى ۋە ماسلىشىشى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلۈپ، رەسمىي پائالىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە پۇختا ئاساس سېلىنغان.
تۈن پەردىسى ئاستىدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، ھەربىي مۇزىكا ساداسى ئىچىدە پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملار ھەيۋەتلىك، جەڭگىۋار ئىدى. مانېۋىر نەق مەيدانىدىكى ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ تەشكىللىنىشى تەرتىپلىك، ئالمىشىشى ئىخچام، ئايلىنىشى راۋان بولۇپ، كۆزلىگەن نىشانغا يەتتى. بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ