
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش نازارىتى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى مۇنداق دېدى: مۆلچەرلىنىشىچە، 9-ئايدىن باشلاپ، يەمەندىكى 18 مىليون كىشى تېخىمۇ ئېغىر ئاشلىق كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش نازارىتى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى Xتا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: يەمەندىكى 18 مىليون كىشى كېلەر ئايدىن باشلاپ تېخىمۇ ئېغىر ئاشلىق كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 41 مىڭ كىشى «ئاپەت خاراكتېرلىك» ئاشلىق كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدۇ، بۇ ئەھۋال كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ