
كامبودژا دۆلەتلىك تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش كومىتېتى كاتىبات باشقارمىسى شۇ جاي ۋاقتى 21-چېسلا مۇنداق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى: بۇ يىل 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە، بۇ دۆلەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش دائىرىلىرى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دېلوغا چېتىشلىق جەمئىي 3170 ئادەمنى قولغا ئالدى، بۇنىڭ ئىچىدە 66 ئادەم ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارى دەپ بېكىتىلىپ سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، يەنە 2450 تىن ئارتۇق چەت ئەللىك قايتۇرۇۋېتىلدى.
كامبودژا دۆلەتلىك تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش كومىتېتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ئۈچ يىلدىن بۇيان، كامبودژا تور ئالدامچىلىقى ۋە ئالاقىدار جىنايى ئىشلار دېلولىرىدىن 24 مىڭدىن ئارتۇقنى پاش قىلىپ، جەمئىي 24 مىڭغا يېقىن چەت ئەل پۇقراسىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قانۇن ئىجرا قىلىش دائىرىلىرى يەنە 27 دۆلەتتىن كەلگەن 4800 دىن ئارتۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى قۇتقۇزغان.
كامبودژا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە، كامبودژا كامپوت ئۆلكىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى نۇرغۇن تور ئالدامچىلىقى جىنايەت ئۇۋىسىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، تور ئالدامچىلىقى ۋە ئادەم ئېلىش-سېتىشقا چېتىشلىق 17 چوڭ جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان ھەمدە كورېيەلىك ئون نەچچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ