
ياپونىيە فۇكۇشىما تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 7 دىن 34 مىنۇت ئۆتكەندە، ياپونىيە مىياگى ناھىيەسىگە يېقىن دېڭىزدا 5.4 بال يەر تەۋرىگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 40 كىلومېتىر بولۇپ، مىياگى ناھىيەسى بىلەن ئىۋاتې ناھىيەسىدە ئۈچ بال روشەن تەۋرەش سېزىمى بولغان، فۇكۇشىما ناھىيەسىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئىككى بال تەۋرەش سېزىمى بولغان.
بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش دېڭىز تاشقىنى پەيدا قىلمىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ