شى جىنپىڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى «قارلىق رايوندىكى شادلىق ناخشىسى»نى كۆردى

​ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى قاتنىشىپ كۆردى

2025.08.22 15:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لاسا، 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كەچتە، شىزاڭ چوڭ تىياتىرخانىسى خۇشال - خۇرام ۋە ئىناق كەيپىياتقا تولدى. شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى «قارلىق رايوندىكى شادلىق ناخشىسى» بۇ جايدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە ئويۇننى كۆردى.

كېچىلىك «رەھمەت سىزگە . <تۇجىچيې>» ناملىق ناخشا - ئۇسسۇل بىلەن باشلاندى. ئويۇن جەمئىي ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن. 1 - بۆلەكتە «بەختنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى» «ئۇسسۇللۇق ناخشىمىز بىلەن تەبرىكلەيمىز» «دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى بەش ئالتۇن گۈل» قاتارلىق ناخشا - ئۇسسۇللار ئارقىلىق سوتسىيالىستىك يېڭى شىزاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى جانلىق مەنزىرە نامايان قىلىندى. 2 - بۆلەكتە كۆرۈنۈشلۈك ناخشا - ئۇسسۇل «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان ئېگىزلىك»، چاتما ناخشا «گۈزەل ماكانىم»، مۇزىكىلىق دېكلاماتسىيە «چوڭقۇر مۇھەببەت» ئارقىلىق ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ قارلىق ئېگىزلىككە ئېلىپ كەلگەن جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. 3 - بۆلەكتە «يېڭى مۇساپە» «گالا كەنتىدىكى خۇشاللىق كۈلكىسى» «ساز بىلەن تۇرنا تەڭ ناۋا قىلىش» «بىز ھەممىمىز بىر تۇغقان قېرىنداش» «ۋەتەن قوينىدا» قاتارلىق ناخشا - ئۇسسۇللار ئارقىلىق بەختلىك يېڭى شىزاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى نامايان قىلىندى، «يېڭى دەۋردە بىر مەقسەتتە ئورتاق ئۇسسۇلغا چۈشۈش» كېچىلىكنى ئەۋجىگە كۆتۈردى. پۈتكۈل كېچىلىكتە كەيپىيات قويۇق بولۇپ، قالتىس نومۇرلار ئورۇندىلىپ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى شانلىق مۇساپىسى ئەكس ئەتتۈرۈلدى، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش چىن ھېسسىياتى ئىپادىلەندى.

ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، لى گەنجيې، خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ، لوساڭ جياڭسۈن، خۇ چۇنخۇا ۋە جاڭ شېڭمىن، شىزاڭدا خىزمەت قىلغان پېشقەدەم يولداشلار ھەمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئويۇننى بىرلىكتە كۆردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ