ئەنگلىيەنىڭ رۇسىيەگە قارشى تەشۋىقاتىغا قايتۇرما زەربە بېرىش ئۈچۈن رۇسىيە 21 كىشىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلىدى

2025.08.21 15:54 مەنبە: خەلق تورى

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى، رۇسىيە 21 كىشىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلىگەنلىكىنى جاكارلىغان، سەۋەبى ئۇلار «بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى» بىلەن ھەمكارلىشىپ، رۇسىيەگە قارشى سۆزلەرنى تارقاتقان.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ تىزىملىك مۇخبىر، مۇتەخەسسىس ۋە بىرقانچە غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئۇلارنىڭ ئىسمى ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىن بۇيان رۇسىيە تەرىپىدىن «چېگرادىن كىرىش چەكلەنگەن تىزىملىك»كە كىرگۈزۈلگەن نەچچە يۈز غەرب پۇقراسىنىڭ ئىسىملىكىگە قوشۇۋېتىلگەن.

شۇ كۈنى، ئەنگلىيە بىر قىسىم شىفىرلىق پۇل تورىغا يېڭى جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە «رۇسىيە ئۇنىڭدىن پايدىلانغان» دەپ بىلدۈرگەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ