
جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: 8-ئاينىڭ 19-كۈنى، جەنۇبىي ئافرىقا خاۋدېن ئۆلكىسى جوھاننىسبۇرگنىڭ جەنۇبىدىكى ئائېروتون رايونىدا بىر جۇڭگولۇقنى تۇتقۇن قىلىش دېلوسى يۈز بەردى. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە جوھاننىسبۇرگدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال خىزمەت مېخانىزمى بويىچە مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ئەلچىخانا ئالدى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەت ساقچى باش ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىغا تېلېگرامما يوللىدى ھەمدە دېلو بېجىرىشكە مەسئۇل ساقچى بىلەن دېلو ئەھۋالىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئەلچىخانا، كونسۇلخانا جەنۇبىي ئافرىقا جۇڭگولۇقلار ساقچى-خەلق ھەمكارلىق مەركىزى بىلەن بىرلىكتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىشىغا ياردەملەشتى. باش كونسۇلخانا دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بىرىنچى ۋاقىتتا بېرىپ، جوھاننىسبۇرگ شەھەرلىك ساقچى باش نازارەتچىسى، تەۋەلىك رايوندىكى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىلەن بىرلىكتە دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ، ھالقىلىق ئىسپاتلارنى مۇقىملاشتۇردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ