
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تاشكەنت، 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لى ئاۋ) «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»نىڭ ئۆزبېك تىل - يېزىقى نۇسخىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى ھەم پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلدى.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مىللەت ۋە دىن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ جيەنگو، ئۆزبېكىستان دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئاكمال سەيىدوف، جۇڭگونىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يۈ جۈن قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ساھەسى، ئاقىللار ئامبىرى، ئالىي مەكتەپلىرى، تاراتقۇلىرى، ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ ۋەكىللىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە ئۆزبېكىستاندىكى جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بولۇپ 300گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
جياڭ جيەنگو سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» چوڭقۇر خەلقچىل ھېسسىياتنى مۇجەسسەملىگەن، مول ئىدارە قىلىش ئەقىل - پاراسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىشقا كۆڭۈل بۆلگەن نوپۇزلۇق ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭغا خەلقنى مەركەز قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلگەن، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان قىممەت يۆنىلىشى، باراۋەر، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە ئادىل، ھەققانىي خەلقئارا مەسئۇلىيەتچانلىق نامايان قىلىنغان. بۇ كىتابنىڭ ئۆزبېكىستاندا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنىشى جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ تارىخى تۇتاش، رېئاللىقى تۇتاش، ئىدىيەسى تۇتاش بولغان تۇپراقتا ئېلىپ بېرىلغان بىر مەيدان كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى سۆھبەت ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش بولۇپ، ئۆزبېكىستان خەلقىنىڭ جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش ۋە ھېس قىلىشىغا يېڭى كۆزنەك ئېچىپ، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان بىلىم ساھەسى ۋە خەلق ئاممىسى ئارىسىدا ئۆزئارا چۈشىنىش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئاكمال سەيىدوف سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»نىڭ ئۆزبېك تىل - يېزىقى نۇسخىسىنىڭ تۇنجى تارقىتىلغانلىقى ئۆزبېكىستان ۋە جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ساھەسىدىكى ھەمكارلىق تارىخىدىكى بىر مۇھىم ئىش بولۇپ، بۇ خىل ھەمكارلىقتا يېڭى سەھىپە ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، تەرەققىيات ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق ئىدىيەلەر ئۆزبېكىستان - جۇڭگو ئۈچۈن كەڭ ھەمكارلىق ئىستىقبالى ئاچىدۇ. جۇڭگو خەلقنى ھەقىقىي غەمخورلۇق بىلەن تەمىنلەپ، كەڭ پۇقرالارنىڭ جەمئىيەت تۇرمۇشىغا كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچ چىقاردى، شۇنداقلا بۇ، ئۆزبېكىستاننىڭ تەرەققىيات نىشانى ۋە ئىدىيەسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۆزبېكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە قانات يايدۇرغان ھەمكارلىقى ۋە تىرىشچانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ.
يۈ جۈن سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات يولىنى بويلاپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، نۇرغۇن جەھەتتە ئورتاق تىلغا ئىگە. ئىككى تەرەپنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىدۇ.
تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەتتىكى ئەزىز مېھمانلار بىرلىكتە يېڭى كىتابنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى. جياڭ جيەنگو قاتارلىقلار ئۆزبېكىستان تەرەپتىكى ئاساسلىق ئەزىز مېھمانلارغا يېڭى كىتابنى تەقدىم قىلدى.
تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىدىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن قاتارلىق ساھەلىرىدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملار كىشىلىك ھوقۇق بىلەن تەرەققىيات، كىشىلىك ھوقۇق بىلەن قانۇنچىللىق، كىشىلىك ھوقۇق يولىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىش ھەمدە جۇڭگو - ئۆزبېكىستان، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا كىشىلىك ھوقۇق ھەمكارلىقى قاتارلىق باش تېمىنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇردى ۋە مۇھاكىمە قىلدى.
«شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»نىڭ ئۆزبېك تىل - يېزىقى نۇسخىسى بۇ كىتابنىڭ 13 - خىل چەت ئەل تىل - يېزىقىدىكى نۇسخىسى بولۇپ، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىيات - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى قارىمىقىدىكى چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتى بىلەن ئۆزبېكىستان نەشرىيات - باسمىخانىسى ئورتاق ھەمكارلىشىپ تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلغان. ئۆزبېك تىل - يېزىقى نۇسخىسىنى تۇنجى تارقىتىش پائالىيىتىنى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىيات - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى، جۇڭگونىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى، ئۆزبېكىستان دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى ئورتاق مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ