
8 -ئاينىڭ 19-كۈنى، پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى پورت شەھەر كاراچىدا شۇ يەرلىك ئاھالىلەر قارا يامغۇردىن كېيىن سۇ كېچىپ ماڭماقتا.
پاكىستان دۆلەتلىك ئاپەتنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى مۇنداق دېدى: ئۆتكەن 24 سائەتتە، كۈچلۈك مۇسسۇن شامىلى ۋە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەتتە 46 ئادەم قازا قىلدى. 6 -ئاينىڭ 26-كۈنى يامغۇر پەسلىگە كىرگەندىن بۇيان، مۇسسۇن شامىلى، قارا يامغۇر پاكىستاندا 706 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ