سەئۇدى ئەرەبىستانى دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى، رىياد غالىبىيەت كوماندىسى 2:1 نەتىجە بىلەن جىددە بىرلەشمە كوماندىسىنى يەڭدى

2025.08.20 17:00 مەنبە: خەلق تورى

19-چېسلا كەچتە، شياڭگاڭ چوڭ توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن سەئۇدى ئەرەبىستانى دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، پورتۇگالىيەلىك توپ چولپىنى رونالدو ( C لو) تۇرۇشلۇق رىياد غالىبىيەت كوماندىسى 2:1 نەتىجە بىلەن جىددە بىرلەشمە كوماندىسىنى يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. بۇ مەيدان مۇسابىقە 30 مىڭ 653 كىشىنى نەق مەيداندا مۇسابىقە كۆرۈشكە جەلپ قىلدى.

شۇ كۈنى كەچتىكى مۇسابىقىدە، رونالدو رىياد غالىبىيەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقە باشلىنىشىدىلا مەيدانغا چۈشتى. نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى رونالدونىڭ نومۇرى بېسىلغان توپ كىيىمىنى كىيىپ ئۇنىڭغا مەدەت بەردى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ