رۇسىيە: ترامپ بىلەن پۇتىن تەخمىنەن 40 مىنۇت تېلېفونلاشتى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىشىنى قوللايمىز

2025.08.19 16:54 مەنبە: خەلق تورى

رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 19-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ياردەمچىسى ئۇشاكوف مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تەخمىنەن 40 مىنۇت تېلېفونلاشتى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇشاكوف مۇنداق دېگەن: پۇتىن بىلەن ترامپنىڭ سۆھبىتى «سەمىمىي ھەم ئىجابىي» بولدى. ترامپ پۇتىنغا ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى ۋە ياۋروپا رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

ئۇشاكوف يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۇتىن بىلەن ترامپ تېلېفوندا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئىككى تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى تەرەپ يەنە رۇسىيە-ئۇكرائىنا بىۋاسىتە سۆھبەت ۋەكىللىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ