ترامپ: 8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن بۇرۇن ئامېرىكا-رۇسىيە-ئۇكرائىنا باشلىقلار سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن

2025.08.18 15:07 مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN)نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ياۋروپا رەھبەرلىرىگە ئۆزىنىڭ 8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن بۇرۇن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى ۋە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىېيتقان.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: ترامپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر 8-ئاينىڭ 18-كۈنى زېلېنسكى بىلەن بولغان ئاق سارايدىكى سۆھبەت ئوڭۇشلۇق بولسا، ئۇ ئامېرىكا-رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىنى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.

ياۋروپا ئەمەلدارلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاز دېگەندە بىر ياۋروپا رەھبىرى ئامېرىكا-ئۇكرائىنا سۆھبىتىگە قاتنىشىدىكەن، لېكىن نۆۋەتتە كونكرېت كىم ئىكەنلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ