ئىككى قانۇنسىز كۆچمەنلەر پاراخوتى ئىتالىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كېتىپ 20 ئادەم ئۆلدى

2025.08.14 16:36 مەنبە: خەلق تورى

ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 8-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان ئىككى پاراخوت شۇ كۈنى ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى لامپېدۇسا ئارىلىغا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كېتىپ، 20 ئادەم قازا قىلغان، نۇرغۇن ئادەم يوقاپ كەتكەن.

ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋەقە لامپېدۇسا ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا 14 دېڭىز مىلى كېلىدىغان جايدا يۈز بەرگەن. شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 ئەتراپىدا، ئىتالىيە ساقچى تەرەپنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى خەتەرگە ئۇچرىغان تۇنجى پاراخوتنى بايقىغان، قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا، پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتكەنىكەن. ھايات قالغۇچىلار قۇتقۇزۇش خادىملىرىغا يەنە بىر پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ئىككى پاراخوتتا تەخمىنەن 100 ئادەم بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 60 ئادەم قۇرۇقلۇققا چىققان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قۇتقۇزۇش خادىملىرى 20 جەسەتنى سۈزۈۋالغان بولۇپ، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتى يەنىلا داۋاملىشىۋېتىپتۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ