بايا، جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ئىنكاس قايتۇردى

2025.08.14 16:38 مەنبە: خەلق تورى

جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى سۆز قىلدى

جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، دېڭىز ئارمىيە داشياۋسى خې تيېچېڭ مۇنداق دېدى: 8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ «خىگگىنىس» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ خۇاڭيەن ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز بۆسۈپ كىردى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكىرىي كۈچ تەشكىللەپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىپ، ئاگاھلاندۇرۇپ قوغلىۋەتتى. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قىلمىشى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلدى، نەنخەي دېڭىزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا خىلاپلىق قىلدى. جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىدىكى دېڭىز ئارمىيە قىسىمى ھەر ۋاقىت يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ