«ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى» ئەپچىقى تورغا چىقىرىلدى

2025.08.14 16:37 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى» ئەپچىقىنى تورغا چىقىرىپ، مەكتەپتىن ئايرىلغان ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى توردا ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئەپچاقتا دۆلەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسىدىكى ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرى توپلانغان بولۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ تەربىيەلىنىش ئارقا كۆرۈنۈشى، خىزمەت ئىزدەش ئۈمىدى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، مەكتەپتىن ئايرىلىپ تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرگە قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرىنى داۋاملىق تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ئۈندىدار ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدىكى «发现—小程序»نى ئېچىپ، ئىزدەش رامكىسىدىن «高校毕业生离校后就业服务»نى ئىزدىسىلا زىيارەت قىلالايدۇ. كەلگۈسىدە «高校毕业生离校后就业服务» ئەپچىقى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنىڭ سىجىل، كۈچلۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كۈچ قوشىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ