8-ئاينىڭ 14-كۈنى 13-قېتىملىق دۇنيا «ھال سورىغۇچى ئاياللار» خاتىرە كۈنى. ھازىرغا قەدەر، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى رايونىدا تىزىمغا ئالدۇرغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ «ھال سورىغۇچى ئاياللار» تۈزۈمىدە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئامان قالغانلاردىن ئاران يەتتىسى قالغان، ئۇلارنىڭ قان-ياش ئازابىنى ئۇنتۇشقا بولمايدۇ! ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆمۈۋېتىشكە بولمايدۇ، تارىخ ئەزەلدىن سۈكۈت قىلىپ باقمىغان، ئۇلار يەنە بىر كەچۈرۈم سوراشنى كۈتمەكتە! بۇ يىل ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى، 80 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئۇرۇشنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى تارقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىك، شۇنداقلا ئەڭ ياخشى سەگىتىش دورىسى، قان بىلەن ياش گىرەلىشىپ كەتكەن تارىخ بىزنى تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئار-نومۇسىنى ئۇنتۇماي، تاغ-دەريالارنى مەڭگۈ ياد ئېتىپ، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ!