دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 2025-يىل 8-ئاينىڭ 13-كۈنى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى، بىر قىسىم مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە:
بىلومبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى: خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ۋە تەھلىلچىلىرى مۇنداق دېگەن: جۇڭگو كارخانىلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پورت تورى قۇرۇپ، دۇنياۋى سودىنى كونترول قىلىش، جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ھەمدە جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ يىراق ئوكيان ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟
لىن جيەن: بۇ خىل سۆزلەر پۈتۈنلەي خاتا. ئامېرىكا تەرەپنىڭ خەۋپسىزلىك ئۇقۇمىنى كېڭەيتىشىنى، ئاتالمىش «جۇڭگو تەھدىتى»نى كۆپتۈرۈشنى، جۇڭگونىڭ نورمال تاشقى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىغا قارا چاپلاشنى، كاشىلا قىلىشنى توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.