ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى
يېقىندىن بۇيانقى خىزمەتتىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختالغاندا، تيەنجىن شەھىرى خېدۇڭ رايونى شياڭياڭ بىناسى كوچا باشقارمىسى سۈييۈنلى مەھەللە پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يەن پىڭ مۇنداق دېدى:«ئىلگىرى، ھەر خىل خىزمەت توپىدا ئۇقتۇرۇشلار كەينى-كەينىدىن يوللىناتتى؛ ھازىر، خىزمەت توپى پاكىزلاندى، كۆپچىلىك خىزمەت سۈرئىتى توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان، ھەممەيلەن ئەمەلىي مەسىلىلەر توغرىسىدا پاراڭلىشىدىغان بولدى.»
شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، خېدۇڭ رايونى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا دائىر ئون تۈرلۈك تەدبىر ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە دائىر ئون تۈرلۈك تەدبىرنى تۈزۈپ، «خېدۇڭ رايونىدىكى رايون دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ 2025-يىللىق مەھەللە تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە قانۇن بويىچە ھەمكارلىشىش ۋەزىپە پىلانى تىزىملىكى»نى بېسىپ تارقىتىپ، مەھەللە خىزمىتىگە ئېنىق چېگرا ئايرىپ بېرىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا «مەلۇمات جەدۋىلى ئازايغان، يىغىن قىسقارغان، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشكە تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت بار بولغان» ھالەتنى يەنىمۇ ھېس قىلدۇردى،
مەركەز سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار «نۆۋەتتە تۈزىتىش» بىلەن «ئۇزاققىچە تۇرغۇزۇش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملاشقان، ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزۈم مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردى.
مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتى «مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ نەمۇنىلىك ئورگان، ئۈلگىلىك ئورۇن ۋە ئىلغار ئورۇنلارنى باھالاش، تەقدىرلەش چارىسى»گە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، «ئورگان كېسىلى» ۋە «يامۇل» ئىستىلىنى ھەقىقىي تۈگىتىش قاتارلىق تەلەپلەرنى بۇنىڭ ئىچىگە كىرگۈزدى. «مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ياشلار نەزەرىيە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش قائىدىسى»نى تۈزۈپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ياش كادىرلارنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە چېنىقىش، ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئۈچ دەرسنى ياخشى ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولدى.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 12368 دەۋا مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىنىڭ «خەلق رايى لىنىيەسى»، «باش خېرىدارلار مۇلازىمىتى»گە خاس رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قىزىق لىنىيە ئىش تىزىملىكىنى يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلار ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپىگە تېز ئىنكاس قايتۇرۇشى، ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇشىغا ماس ھەمتۈرتكە بولدى ھەمدە «دېلو تۇرغۇزماسلىق» مەسىلىلىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئامما ئىنكاس قىلغان تۈرلۈك شەكىلدىكى «دېلو تۇرغۇزماسلىق» مەسىلىلىرىنى بىر-بىرلەپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، قەتئىي تۈزىتىپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس-تەلىپىگە قارىتا «بىر نومۇر بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش، ئەرزنى قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.
قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ھۆججەت تۈزۈش، تارقىتىش بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنىڭ بىردەكلىكىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، ھۆججەتلەرنى ئىخچاملاش، يىغىننى ئىخچاملاش، تەكشۈرۈش، باھالاشنى نازارەت قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش پائالىيىتى بەرپا قىلىش، باھالاش، تەقدىرلەش تۈرى بويىچە «بەش پاسسىپ تىزىملىك»نى يولغا قويدى. قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈش، باھالاشنى نازارەت قىلىشقا دائىر ئىش تۈرلىرىگە قارىتا «چۈشەندۈرۈش كارتىسى» تۈزۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش، كۆرگەزمە ۋە مۇنبەر پائالىيىتىنى باشقۇرۇش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار تۈزۈملەرنى چىقىرىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىدە ھەقىقىي ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى چوڭقۇر ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، چوڭقۇر، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، دەل جايىدا كۈچەپ تۈزىتىش، دائىملىق ئىدارە قىلىپ ئۇزاق ئۈنۈملۈك قۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار بىر قاتار تۈزۈملەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تاماملاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مېخانىزمى ۋە ئون كۆزىتىش نۇقتىسى بەرپا قىلدى. ئىستىل-چىرىكلىكنى بىرلىكتە تەكشۈرۈپ، بىرلىكتە تۈزەش تېمىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئالغا سىلجىتتى.
چىڭخۇا داشۆ دىققەتنى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەر ۋە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس ھەرىكەت ۋە مەخسۇس تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار تۈزۈم-مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. قىسمەن تارماقلار، ئورۇنلار ئېلان قىلغان خىزمەت ئۇقتۇرۇشى بەك كۆپ بولۇش، شۆيۈەن، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تولدۇرىدىغان جەدۋەل كۆپ بولۇش، جەدۋەل لايىھەلەش مۇرەككەپ بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئۇقتۇرۇش، جەدۋەلنى ئىخچاملاشنى سىجىل تۈردە ئالغا سىلجىتىپ، قوشۇمچە جەدۋەل تولدۇرۇش سىستېمىسىنى ئېچىپ، سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلەتتى.
«بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش»تىن «بىر تۈردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش»قىچە، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆگىنىش-تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك قۇۋۋىتىگە ئايلاندۇردى.
يېقىندا، جياڭشى ئۆلكىسى جيۇجياڭ شەھىرىدىكى مەكتەپ ئاشخانىسىنى مال بىلەن تەمىنلىگۈچى ئىككى كارخانا قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى. بۇ، شۇ جاينىڭ «تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنىڭ ئىناۋىتىنى باھالاشنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى يولغا قويغاندىن كېيىن، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان كارخانىلارغا تۇنجى قېتىم قىزىل كارتا چىقىرىشى ھېسابلىنىدۇ.
مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جيۇجياڭ شەھىرى دىققەتنى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە تاماق خىراجىتىنى باشقۇرۇشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، سېتىۋېلىش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش، باھالاش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى. مەكتەپ تامىقىدا بىخەتەر يېيىشتىن قۇۋۋەتلىك يېيىشكىچە، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشتىن مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇشقىچە، مەسىلىنى تۈزىتىشتىن مەنبەدىن تۈزەشكىچە بولغان ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە جيۇجياڭ شەھىرى شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق مەكتەپلەر «ئاشخانا يېمەكلىك ماتېرىياللىرى قۇياش نۇرى ئاقىل سېتىۋېلىش سۇپىسى»نى مەخسۇس قۇرۇپ، مەكتەپنىڭ سۇپا ئارقىلىق ئاشخانا ماددىي ئەشيالىرىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش ۋە يەتكۈزۈپ بېرىش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، باشقۇرۇش-تىزگىنلەش، تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنى باشقۇرۇش، تەكشۈرۈپ باھالاش، سېتىۋېلىش مەبلىغىنى راسچوت قىلىش قاتارلىقلارنى قوللاپ، ئىلگىرىكى تارقاق سېتىۋېلىشتىن كېلىپ چىققان سۈپىتىنى كونترول قىلىش تەس بولۇش، باھاسى ساختا يۇقىرى بولۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتتى. چىقىرىلغان مەبلەغ بوشلۇقى ئوقۇغۇچىلارغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزدى.
«كەنتتىكى ‹قاراڭغۇ يول›غا يېڭى يول چىرىغى ئورنىتىلىپ، يوپيورۇق بولۇپ كەتتى!» گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجوۋ شەھىرى خۇادۇ رايونى خۇاچېڭ كوچا باشقارمىسى لوشيەن كەنتى كاڭمېيخې دەرياسى ئەتراپىدىكى كەنت ئاھالىلىرى يېڭىدىن ئورنىتىلغان يول چىراغلىرىنى كۆرۈپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى. ئەسلىدە، بۇ يولدىكى يول چىراغلىرى كونىراپ، يورۇتۇشى ناچارلاپ، چىراغ خادىلىرى داتلىشىپ قىيسىيىپ قالغان، لېكىن يول چىرىغىنى ئالماشتۇرۇش كۆپ تارماقلارغا چېتىلىدىغان بولغاچقا، كوچا باشقارمىسى ۋە كەنت پارتىيە كومىتېتى ئۆز ئالدىغا ھەل قىلالمىغانىدى.
ئۆگىنىش-تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خۇادۇ رايونى «10-نومۇرلۇق ئىشخانا»نىڭ ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر ئاينىڭ 10-كۈنىنى مەركەزلىك مۇلازىمەت قىلىش كۈنى قىلىپ، خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىدىغانلارنى كۈتۈۋېلىش، زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلار نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ، جەمئىيەتتىكى قىزغىن كارخانىلارنى ئورتاق كۈچەشكە سەپەرۋەر قىلىپ، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا لوشيەن كەنتىگە يېڭى تىپتىكى قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغىدىن 60 نى ئورناتتى.
بەزى ياش كادىرلارنىڭ «ئەمەلىي جەڭ جەريانىدا چېنىقىش يېتەرلىك بولماسلىق، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش» مەسىلىسىگە قارىتا، جېجياڭ ئۆلكىسى چۈجوۋ شەھىرى چۈجياڭ رايونى «قابىللارنى تاللاپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش» پۈتۈن زەنجىرلىك مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋەزىپىسىنى «بەيگە مەيدانى» قىلىپ، ۋەزىپىگە باشلامچىلىق قىلىدىغان تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرىنى يېتەكچى ئۇستازلىققا بەلگىلەپ، باھالاش نەتىجىسىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ئۆستۈرۈش بىلەن باغلاپ، ياش كادىرلارنىڭ پائالىيەتچانلىقى ۋە ئىش قىلىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى.
ئۆگىنىش-تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، چۇڭچىڭ شەھىرى نەنچۇەن رايونى سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا دائىر 25 ماددىلىق سىياسەت-تەدبىرنى يېڭىلاپ، كارخانىلارنى «يېقىن ئەتراپتا تېز قۇرۇش»، كارخانىلار ئىشىنى «بىر كۆزنەكتە بېجىرىش»، يەر ئىشلىتىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا «بىر كود ئارقىلىق بېجىرىش»، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشتا «بىر قېتىمدىلا تەكشۈرۈپ چىقىش»، سۇ، توك، گاز ساھەسىدە «بىر سائەت ئارقىلىق ئېنىقلاش» قاتارلىق مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى سىجىل يولغا قويۇپ، ھېس قىلغىلى، كۆرگىلى بولىدىغان ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.