پۇتىن بىلەن جىن جېڭئېن تېلېفونلاشتى

2025.08.13 14:47 مەنبە: خەلق تورى

چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 8-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن 8-ئاينىڭ 12-كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشقان، ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ھەمكارلىقى ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىگەن.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.

رۇسىيە زۇڭتۇڭى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، پۇتىن 8-ئاينىڭ 12-كۈنى جىن جېڭئېن بىلەن تېلېفونلىشىپ، تەرەققىيات ھەمكارلىقى ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىگەن. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە پۇتىننىڭ پات ئارىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن ئۇچرىشىشى قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ