ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورىنىڭ ئاشكارا ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى «سايباغ رايونى بىلەن ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ مەمۇرىي رايون ئايرىمىسىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلغان. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق دېيىلگەن: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى بىلەن ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ مەمۇرىي رايونىنى تەڭشەشكە قوشۇلغانلىق توغرىسىدىكى تەستىقىي جاۋابى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئۈرۈمچى ناھىيەسى يۇڭفېڭ بازىرىنى سايباغ رايونىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قوشۇلدى.
تەڭشەلگەندىن كېيىن، سايباغ رايونىنىڭ قارىمىقىدا 15 كوچا، بىر بازار، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ قارىمىقىدا ئۈچ يېزا، ئىككى بازار بار بولدى.