دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: 80 ياشتىن ئاشقان ھەم ئۇنىڭدىن چوڭ ياشانغانلارغا ھەر ئايدا ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش تەكلىپىنى بېرىمىز

2025.08.13 14:48 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يېقىندا «چوڭ ياشلىق ياشانغانلارنىڭ بەدەن سۈپىتى كۆرسەتكۈچىنىڭ مۇۋاپىق بولۇش دائىرىسى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش ئۆلچىمى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئۆلچەم» دېيىلدى)نى ئېلان قىلىپ، چوڭ ياشلىق ياشانغانلارغا BMI (بەدەن سۈپىتى كۆرسەتكۈچى)نىڭ مۇۋاپىق دائىرىسىنىڭ ھەر كىۋادرات مېتىرىنىڭ 22.0 كىلوگىرامدىن 26.9 كىلوگىرامغىچە بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى ھەم چوڭ ياشلىق ياشانغانلارغا ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم بوي ئېگىزلىكىنى ئۆلچەش، ھەر ئايدا ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش تەكلىپى بەردى.

«ئۆلچەم»دە چوڭ ياشلىق ياشانغانلارنىڭ ئەمەلىي يېشى 80 ياشتىن چوڭ ياكى تەڭ بولغان كىشىلەر توپى دەپ ئېنىقلىما بېرىلگدى. «ئۆلچەم»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: چوڭ ياشلىق ياشانغانلارنىڭ شەخسىي BMI سى مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇشى، ناچار ساغلاملىق ئاقىۋىتى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ئالاقىدار كېسەللىكلەر ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ يۈزبېرىشىنى ئازايتىش ياكى كېچىكتۈرۈشنى باشقۇرۇش نىشانى قىلىشى كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ