ماكدونالد «پېنسىيەگە چىققانلارنى قوبۇل قىلىمىز» دېگەن خەۋەرگە ئىنكاس قايتۇردى

2025.08.13 14:42 مەنبە: خەلق تورى

8-ئاينىڭ 12-كۈنى، ماكدونالد تەرەپ ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ماكدونالد جۇڭگو قانۇندىكى بەلگىلىمە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشچى ئىشلىتىش سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پۈتۈن كۈنلۈك ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۈچۈن قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جانلىق، كۆپ مەنبەلىك ئادەم ئىشلىتىش ئۇسۇلى قوللاندى، پېنسىيەگە چىقىپ قايتا تەكلىپ قىلىنغان خادىملار قاتارلىق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بار خىزمەتچىلەرمۇ بۇنىڭ بىر قىسمى، بىز ئۇلارنى قانۇن-نىزام، سىياسەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىش ھەققى بىلەن تەمىنلەيمىز ھەمدە سودا سۇغۇرتىسى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيمىز. ماكدونالد جۇڭگو بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى «كاپالەتكە ئىگە، پاراۋانلىققا ئىگە، كەلگۈسى بار» بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىش ھەققى پاراۋانلىقى ھەمدە بىخەتەر، ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە سىغدۇرۇشچان خىزمەت مۇھىتى بىلەن بىلەن تەمىنلەيمىز.

ئۇنىڭدىن باشقا، تورداشلار ئېلان قىلغان ماكدونالدنىڭ «پېنسىيەگە چىققان خادىم قوبۇل قىلىش»ىغا ئالاقىدار سۈرەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋەزىپە ئۆتەش تەلىپى: ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئۈچ كۈن ئىشلەشكە بولىدۇ، پېنسىيە يېشى (ئاياللار 50 ياش، ئەرلەر 60 ياش)غا يەتكەن بولۇشى كېرەك. پاراۋانلىق تەمىناتى دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئۈچ ھەسسە مائاش، شەنبە كۈنىدىكى ھەقسىز يېمەك-ئىچمەك ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئېتىبار بېرىش پاراۋانلىقى، سودا سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ