يەتتە مىللىسېكۇنتتا، شىنجاڭدىكى «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق»تىن كەلگەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى باركۆل ناھىيەسىدىن يولغا چىقىپ، 2260 كىلومېتىرنى بېسىپ چۇڭچىڭغا يېتىپ بېرىپ، تاغلىق شەھەرنى يورۇتتى. قومۇل ± 800 كىلوۋولتلۇق باركۆل توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى «شىنجاڭنىڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىنىڭ توك يەتكۈزۈش تېرمىنالى پونكىتى بولۇپ، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 10-كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك يەتكۈزۈلدى، 8-ئاينىڭ 10 – كۈنىگىچە، بۇ قۇرۇلۇشتا جەمئىي يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 4 مىليارد 700 مىليون كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى.
بۇ قۇرۇلۇشنىڭ يۈرۈشلۈك يېڭى ئېنېرگىيە نىسبىتى %71.8 كە يېتىدۇ، ھەر يىلى چۇڭچىڭغا 36 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئارتۇق توك يەتكۈزگىلى بولىدۇ، بۇ، چۇڭچىڭنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ %20 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. 36 مىليارد كىلوۋات سائەت دېگەنلىك چۇڭچىڭدا 12 مىليون توننا كۆمۈرنى ئاز قالىغانغا، 32 مىليون توننا كاربون ( Ⅳ ) ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر. (تاڭ شياۋيۇڭ، ۋاڭ يۈرەن، تاڭ سۇڭ، تاڭ جيا، لى شىنياڭ)
سۈرەتتە قومۇل± 800 كىلوۋولتلۇق باركۆل توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىنىڭ بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرىتى، بۇ جاي «شىنجاڭنىڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى يەتكۈزۈشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. خەلق تورى لى شىنياڭ فوتوسى
سۈرەتتە قومۇل ± 800 كىلوۋولتلۇق باركۆل تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئالماشتۇرۇش پونكىتىنىڭ بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرىتى. خەلق تورى لى شىنياڭ فوتوسى
قومۇل ± 800 كىلوۋولتلۇق باركۆل تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئالماشتۇرۇش پونكىتى. خەلق تورى مۇخبىرى تاڭ سۇڭ فوتوسى
كۈمۈش رەڭلىك تۆمۈر مۇنارلار تاغ-دالىلاردا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇ «نۇر يىپەك يولى» 2260 كىلومېتىردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزىدۇ. خەلق تورى لى شىنياڭ فوتوسى
قومۇل ± 800 كىلوۋولتلۇق باركۆل تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئالماشتۇرۇش پونكىتى. خەلق تورى مۇخبىرى تاڭ سۇڭ فوتوسى
قومۇل ± 800 كىلوۋولتلۇق باركۆل توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى «شىنجاڭنىڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىنىڭ توك يەتكۈزۈش تېرمىنالى پونكىتى بولۇپ، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 10-كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك يەتكۈزۈلدى. خەلق تورى مۇخبىرى تاڭ سۇڭ فوتوسى
800 ± كىلوۋولتلۇق باركۆل توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىنىڭ ئاساسىي كونترول ئۆيىدە، يۈرۈشتۈرۈش خادىملىرى ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئۇچۇرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتاتتى. خەلق تورى مۇخبىرى تاڭ سۇڭ فوتوسى