ئۈرۈمچى مەخسۇس مەبلەغ سېلىپ مەكتەپ ئاشخانىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى

2025.08.12 15:00 مەنبە: خەلق تورى

مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسى 3 مىليون 562 مىڭ 400 يۈەن مەخسۇس مەبلەغ سېلىپ، مەكتەپ ئاشخانىلىرىنىڭ قاتتىق دېتاللىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىشلىتىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلدى.

بۇ قېتىمقى مەخسۇس تۈر مەبلىغىدە مەكتەپلەرنىڭ تازىلاش، دېزىنفېكسىيە قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلاش، ئاشخانىلارنى رېمونت قىلىش، ئۆزگەرتىش، ئاشخانا ئەسلىھەلىرىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە نۇقتىلىق مەدەت بېرىلىپ، ئاشخانا قاتتىق دېتاللىرى ئۆلچىمىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەشغۇلات قائىدىسىگە ئومۇميۈزلۈك يېتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، خەۋپ-خەتەر مەنبەدىن تۆۋەنلىتىلىدۇ. بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دىققەتنى مەكتەپ تامىقىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت خەلق تۇرمۇشىدىكى قىزىق نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ دەل جايىدا كۈچىشى ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ