يېڭى دەۋردىكى پارتىيە مەكتىپى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2025.08.12 14:45 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە مەكتەپلىرى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنلىرى) خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە مەكتىپى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانمىغا ئىگە قىلدى. «نىزام»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى يولغا قويۇش پارتىيەنىڭ پارتىيە مەكتەپلىرى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالالايدىغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تايانچلىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى-نەزەرىيەۋى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

پارتىيە مەكتىپىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكى. ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنلىرى) پارتىيەنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، «پارتىيە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پارتىيە ئۈچۈن ئەقىل-تەدبىر كۆرسىتىش»تەك پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئەسلىي مەقسەتتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كۈچلۈك تىرەك بولدى. يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش پارتىيە مەكتەپلىرى خىزمىتىگە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەكتىپى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەكتەپلىرى پارتىيەنىڭ بولۇش تۈپ پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەكتەپلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، يۇقىرى سۈپەتتە پارتىيە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، يۇقىرى سەۋىيەدە پارتىيە ئۈچۈن ئەقىل-تەدبىر كۆرسىتىشنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگەندىلا، چوقۇم يېڭى سەپەردە پارتىيە مەكتەپلىرى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنلىرى)نىڭ ئۆزگىچە قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلغىلى بولىدۇ.

ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئىختىساسلىقلارنى تاللاش مۇھىم. پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا كادىرلارنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، دائىملىق تەربىيەلەش، بولۇپمۇ ئاساسىي تەربىيەلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنلىرى) كادىرلار ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشتىكى ئاساسلىق يول بولۇش سۈپىتى بىلەن، كادىرلار ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كالتسىي تولۇقلاپ ئاساسنى پۇختىلىشىغا ياردەم بېرىش مەسۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان. ئاساسىي تەربىيەلەشنى تۇتقا قىلىپ، تەربىيەلەشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەربىيەلەشكە تەشكىللەشنى چىڭىتىپ، مەنپەئەتلىنىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، تەربىيەلەش ئوبيېكتلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق قاپلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئوقۇتۇشنىڭ باش تېمىسى ۋە ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىستېمىلىق، چوڭقۇر ئىجادىي نەزەرىيەسى دەرس سىستېمىسى، ئىلمىي، مۇكەممەل پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى دەرس سىستېمىسى ۋە ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى دەرس سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، كەڭ كۇرسانتلارنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرىدىن بولۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

ئەمەلىيەتنىڭ چېكى يوق، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭمۇ چېكى يوق. پارتىيە مەكتەپلىرى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنلىرى) پارتىيە ئۈچۈن ئەقىل-تەدبىر كۆرسىتىش مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش مۇساپىسىنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزاھلاشنى پەن تەتقىقاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، تەشكىللىك پەن تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىي نەزەرىيەلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك ئۇقۇم، ئىجادىي تۆھپە، پىرىنسىپال نەتىجىلىرىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ۋە ئىزاھلاپ، جۇڭگونىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن مۇستەقىل بىلىم سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى؛ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىپ، دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتى، پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مۇھىم ئىدىيەۋى نەزەرىيە ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، قىممىتى بار تەدبىر، تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. نەزەرىيە تەتقىقاتى بىلەن تەدبىر تەتقىقاتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ۋە تەدبىر بەلگىلەشتە مەسلىھەت بېرىشنىڭ ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشى، ماس تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيە-نەزەرىيە قۇرۇلۇشىدىكى جەڭگىۋار قوشۇنلۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

تۈزۈمنىڭ قىممىتى ئىجرا قىلىشتا، مۇھىم نۇقتىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى پارتىيە مەكتەپلىرى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنلىرى)نى ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى قۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تەشكىلىي كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «نىزام»نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنلىرى) سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، بايلىقنى بىرىكتۈرۈشنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە مەكتىپى ئىشلىرىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە ئۈزلۈكسىز ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ