دۆلىتىمىزنىڭ مېلبۇرندا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى: تاياق يېگەن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ھاياتى خەۋپتىن قۇتۇلدى

2025.08.11 16:41 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، جۇڭگونىڭ مېلبۇرندىكى باش كونسۇلخانىسى تۇرۇشلۇق كونسۇل رايونى تاسمانىيە ئىشتاتىدا ئوقۇۋاتقان 33 ياشلىق بىر جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى شۇ جايدىكى بەش نەپەر قۇرامىغا يەتمىگەن بالا تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئېغىر يارىلاندۇرۇلۇپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قۇتقۇزۇلغان. 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، جۇڭگونىڭ مېلبۇرندا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى تاسمانىيە ئىشتاتىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنى ئۇرۇپ زەخىملەندۈرۈش دېلوسىغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەشنى ئېلان قىلدى.

باش كونسۇلخانا تەرەپ مۇنداق بىلدۈردى: دوختۇر-سېسترالار پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزغاندىن كېيىن بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ھاياتى خەۋپتىن قۇتۇلدى، ھازىر ئەھۋالى تۇراقلىق، كېلەر ھەپتە يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ۋە مېڭە سىلكىنىشنى تەكشۈرتۈپ داۋالىتىشقا توغرا كېلىدۇ. تاسمانىيە ئىشتاتى ساقچى تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقىدا، قۇرامىغا يەتمىگەن بەش نەپەر ۋەقە تۇغدۇرغۇچىنىڭ ھەممىسى قولغا چۈشتى، ۋاقتىنچە كېپىللىككە قويۇپ بېرىش ھالىتىدە تۇرماقتا، كېيىن تاسمانىيە ئىشتاتىنىڭ قانۇن تەرتىپى بويىچە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. باش كونسۇلخانا يېقىندا تاسمانىيە ئىشتاتىغا مەخسۇس بېرىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى يوقلاشنى ھەمدە تاسمانىيە ئىشتاتى ساقچى تەرەپ ۋە ئالاقىدار ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلانلىدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ