8-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى گوۋۇيۈەن سىياسىتىنى قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گو تىڭتىڭ ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ھەقسىز مائارىپى سىياسىتىنى تەدرىجىي يولغا قويۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گو تىڭتىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ «پىكىر»ىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يەرلىك ئالاقىدار تارماقلار تۈزگەن ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ بېقىش-تەربىيەلەش ھەققى ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، يەنى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلى بالىلىرىدىن ئەسلىدە قانچىلىك ھەق ئېلىنغان بولسا، ھازىر شۇنچىلىك كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ مائارىپ تارماقلىرى تەستىقلاپ تەسىس قىلغان پۇقراۋى يەسلىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارغا قارىتا، پۇقراۋى يەسلى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوخشاش تۈردىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ كەچۈرۈم قىلىش سەۋىيەسىدىن پايدىلىنىپ، بېقىش-تەربىيەلەش ھەققى مۇناسىپ كېمەيتىلىدۇ، كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
مەسىلەن، مەلۇم پۇقراۋى يەسلىنىڭ تەستىقلانغان بېقىش-تەربىيەلەش ھەققى ئېلىش ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمگە ھەر ئايدا 800 يۈەن، شۇ جايدىكى ئوخشاش تۈردىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ بېقىش-تەربىيەلەش ھەققى ئېلىش ئۆلچىمى 500 يۈەن بولىدۇ؛ سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ يۇقىرى يىللىق سىنىپىدىكى بالىلار بېقىش-تەربىيەلەش ھەققى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ، پۇقراۋى يەسلىلەرنىڭ يۇقىرى يىللىق سىنىپىدىكى بالىلار پەقەت كەم قالغان قىسمىنى، يەنى 300 يۈەننى تاپشۇرسىلا بولىدۇ.