شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى بىر مەنزىرە رايونىدا ئاسما كۆۋرۈكنىڭ ئارغامچىسى ئۈزۈلۈپ كېتىپ، بەش ئادەم قازا قىلدى

2025.08.07 15:57 مەنبە: خەلق تورى

8-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى شوتا مەنزىرە رايونىدىكى بىر ئاسما كۆۋرۈكنىڭ بىر ئارغامچىسى ئۈزۈلۈپ كېتىپ، كۆۋرۈك يۈزى قىيسىيىپ قېلىپ، كۆۋرۈكتىن 29 ئادەم سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، بەش ئادەم بەختكە قارشى قازا قىلدى، 22 ئادەم يېنىك يارىلاندى، ئىككى ئادەمنىڭ يارىسى بىرقەدەر ئېغىر بولۇپ، يارىلانغانلار دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ سالامەتلىك تەكشۈرتۈلدى ۋە داۋالىتىلدى. ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىمىدى.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئالاقىدار تارماقلار دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇپ، داۋالاپ، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى قانات يايدۇردى.

نۆۋەتتە، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ شوتا مەنزىرە رايونى تاقالدى، ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ