
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2025-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، ياپونىيەنىڭ چەت ئەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي نوپۇسى 124 مىليون 330 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن تەخمىنەن 550 مىڭ ئازايغان.
يەنە بىر تەرەپتىن، ياپونىيەدە ئولتۇراقلاشقان چەت ئەللىك نوپۇس 3 مىليون 670 مىڭدىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن تەخمىنەن 350 مىڭ كىشى كۆپىيىپ، 2013-يىلى ئىستاتىستىكا قىلىنغاندىن بۇيانقى ئەڭ زور ئېشىش نىسبىتى يارىتىلغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ