گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر ھەقسىز مائارىپىنى تەدرىجىي يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2025.08.06 14:38 مەنبە: خەلق تورى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر ھەقسىز مائارىپىنى تەدرىجىي يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولۇشى، بىخەتەر، ئەلا سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇملاشتۇرۇش، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش، ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنى زورايتىش، خىراجەتنى مۇۋاپىق ئۈستىگە ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىنىڭ تەربىيەلەش خىراجىتىنى تەدرىجىي كەچۈرۈم قىلىپ، مائارىپ تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2025-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى بىر يىللىق يەسلىدىكى بالىلارنى بېقىش، تەربىيەلەش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. بېقىش-تەربىيەلەش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش ئۆلچىمى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپ، باھا مەسئۇل تارماقلىرى تەستىقلىغان ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ بېقىش-تەربىيەلەش ھەق ئۆلچىمى (تاماق ھەققى، ياتاق ھەققى، پارچە-پۇرات ھەق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. مائارىپ تارماقلىرى تەستىقلاپ تەسىس قىلغان پۇقراۋى يەسلىلەردە ئوقۇيدىغان ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارغا قارىتا، شۇ جايدىكى ئوخشاش تۈردىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ سەۋىيەسىنى كەچۈرۈم قىلىش سەۋىيەسىدىن پايدىلىنىپ، تەربىيەلەش ھەققى مۇناسىپ كېمەيتىلىدۇ، كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. پۇقراۋى يەسلىلەرنىڭ بېقىش-تەربىيەلەش ھەققى كەچۈرۈم قىلىش سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان قىسمىغا قارىتا، يەسلىلەر بەلگىلىمە بويىچە يەسلىدىكى بالىلار ئائىلىلىرىدىن داۋاملىق ئالسا بولىدۇ. بېقىش-تەربىيەلەش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش سەۋەبىدىن يەسلىلەرنىڭ كىرىمى ئازىيىپ كەتكەن قىسمىغا قارىتا، مالىيە تارماقلىرى بېقىش-تەربىيەلەش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنغان يەسلىدىكى بالىلارنىڭ سانى، شۇ جايدىكى بېقىش-تەربىيەلەش خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئەمەلىي ھەق ئېلىش سەۋىيەسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، يەسلىلەرگە ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت بىرتۇتاش يولغا قويغان بېقىش-تەربىيەلەش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى ئاساسىدا، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار بالىلار، يېتىم بالىلار ۋە مېيىپ بالىلار قاتارلىق كىشىلەر توپىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى قانۇنى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىققا كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلار مائارىپىغا مەبلەغ سېلىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ئۆلكىلەر ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش پىلانلاش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت-ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئۆز رايونى يولغا قويغان ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مالىيە، مائارىپ تارماقلىرى كۈندىلىك نازارەت قىلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ كاپالىتى ۋە ئىشلىتىش، باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەبلەغنى ۋاقتىدا، تولۇق ئاجرىتىپ، يەسلىلەرنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرۇشنى قاتتىق چەكلىشى كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەسلى باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يەسلىدىكى بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ھەقىقىي ياخشى قوغدىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ