«جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى» ھۆكۈمەت تەرەپ ۋېيبوسىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، كەسپىي پۇتبولنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان كەسىپ ئېكولوگىيەسىنى يەنىمۇ بەرپا قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو پۇتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقە بىرلەشمىسى ھەرقايسى كەسپىي پۇتبول كۇلۇبلىرى بىلەن بىرلىكتە بۈگۈن «كەسپىي پۇتبول كەسىپكارلىرىنىڭ ھەرىكەت قائىدىسى»نى يولغا قويدى.
جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: كەسىپ كەيپىياتى پۇتبول ئىشلىرىنىڭ جان تومۇرى. «كەسپىي پۇتبول كەسىپكارلىرىنىڭ ھەرىكەت قائىدىسى» ھەم بارلىق ئەھدىنامە تۈزگۈچىلەرنىڭ جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ ئوبرازىنى ئورتاق قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشتىكى تەنتەنىلىك ۋەدىسى، شۇنداقلا كەسىپ ئىنتىزامىنىڭ ھەرىكەت ئۆلچىمى.
جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى قول تۇتۇشۇپ تىرىشايلى، «ئوننى قىلىش، ئوننى قىلماسلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىمىزدىن باشلاپ، ياخشى سۆز-ھەرىكەت ئارقىلىق كەسپىي پۇتبولچىلىقنىڭ يېڭى ئوبرازىنى ئورتاق تىكلەپ، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشايلى، دەپ مۇراجىئەت قىلدى.