جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئىنتىزام كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ۋاڭ شياۋپىڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

2025.07.31 14:48 مەنبە: خەلق تورى

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، خۇبېي ئۆلكىسى سۇڭزى شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئىنتىزام كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ۋاڭ شياۋپىڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى، پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن جاۋابكار ۋاڭ شياۋپىڭغا 10 يىل ئالتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى، قوشۇمچە 700 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇلدى؛ جاۋابكار ۋاڭ شياۋپىڭنىڭ پارا ئېلىپ ئېرىشكەن مال-مۈلكى ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىسى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.

سۇڭزى شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 2025-يىل 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئوچۇق سوت ئېچىپ بۇ دېلوغا قاراپ چىقتى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ