دۆلەت باج باش ئىدارىسى: يىللىق كىرىمى 120 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن شەخسلەر ئاساسىي جەھەتتىن باج تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ

2025.07.30 15:22 مەنبە: خەلق تورى

7-ئاينىڭ 28-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن «< 14 ـ بەش يىل >لىق يىرىك پىلاننى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەي زىلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2021-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە بولغان يىللىق شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى ئىلتىماس قىلىش سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، يىللىق كىرىمى ئالدىنقى %10نىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ تاپشۇرغان شەخسىي تاپاۋەت بېجى تەخمىنەن %90 نى ئىگىلەيدىكەن؛ ئۇنىۋېرسال تاپاۋەت يىللىق كىرىمى 120 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن شەخسلەرنىڭ جەملەپ ھېسابلىغاندىن كېيىن ئاساسىي جەھەتتىن باج تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز. بۇنىڭ بىلەن «يۇقىرى كىرىملىكلەر كۆپ باج تاپشۇرۇش، ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىكلەر ئاز باج تاپشۇرۇش ياكى باج تاپشۇرماسلىق»تەك شەخسى تاپاۋەت بېجى كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەش ئۈنۈمىنىڭ داۋاملىق روشەنلىشىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ