
يېقىندا، «كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى ئۇزارتقانلىقىنى جاكارلىغانلىقى» توغرىسىدىكى خەۋەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. نىڭبو داشۆسى، خۇاجۇڭ سىفەن داشۆسى، مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى، جياڭشى مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر قىسمەن كەسپىي ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى ئۈچ يىلغا ئۇزارتقانلىقىنى جاكارلىدى.
كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەر 2026-يىللىق قىسمەن كەسپىي ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى تەڭشىگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
يېقىندا، نىڭبو داشۆسى «مەكتىپىمىزنىڭ 2026-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قىسمەن ئۇچۇرلارنىڭ ئۆزگىرىشى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، قانۇن (قانۇنشۇناسلىق) (كەسىپ كودى 035102) كەسپىنىڭ ئوقۇش تۈزۈمىنى 2.5 يىلدىن 3 يىلغا ئۆزگەرتىدىغانلىقى (پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈم، پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى ئايدىڭلاشتۇردى.
ئۇنىڭدىن باشقا، 2026-يىلىدىن باشلاپ، مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى قوللىنىشچان ئىستاتىستىكا (025200) كەسپىنىڭ ئوقۇش تۈزۈمىنى ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغا تەڭشىدى؛ جياڭشى مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى قوللىنىشچان ئىستاتىستىكا ۋە پۇل مۇئامىلىدىن ئىبارەت ئىككى كەسپىي ماگىستىرلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغا تەڭشىدى؛ تيەنجىن چەت ئەل تىلى داشۆسى خەلقئارا خەنزۇ تىلى مائارىپى كەسپىي ئىلمىي ئۇنۋانىنىڭ ئوقۇش تۈزۈمىنى ئۈچ يىلغا تەڭشىدى؛ جىلىن سىفەن داشۆسى خەلقئارا خەنزۇ تىلى مائارىپى (045300)، پۇل مۇئامىلە (025100) كەسىپىنىڭ ئوقۇش تۈزۈمىنى ئۈچ يىلغا تەڭشىدى؛ نەنچاڭ داشۆسى تەرجىمانلىق بويىچە ماگىستىرلىق (0551) كەسپىنىڭ ئاساسىي ئوقۇش تۈزۈمىنى ھازىرقى ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغا تەڭشىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ