تايلاند بىلەن كامبودژانىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى

2025.07.29 14:06 مەنبە: خەلق تورى

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 28-چېسلا سائەت 24 تە (بېيجىڭ ۋاقتى 29-چېسلا سەھەر سائەت 1)دە، تايلاند بىلەن كامبودژانىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خوڭ ماناي بىلەن تايلاندنىڭ مۇۋەققەت زۇڭلىسى پۇتان 28-چېسلا مالايشىيادا ئالاھىدە يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغان. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىككى دۆلەت ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن، مالايشىيادا ئىككى سائەتتىن ئارتۇق سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، تايلاند ۋە كامبودژا رەھبەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا، مالايشىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «بۇ ۋەزىيەتنى پەسەيتىش، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قاراپ تاشلانغان ھالقىلىق تۇنجى قەدەم.»

خەۋەردە تونۇشتۇرۇلىشىچە، تايلاند بىلەن كامبودژا 7-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ چېگرا رايونىدا توقۇنۇشۇپ قالغان، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى خەلقئارا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن. ئىككى تەرەپ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، توقۇنۇشتا يۈزدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان ۋە يارىلانغان، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئامما بىخەتەر رايونىغا تارقاقلىشىشقا مەجبۇر بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ