
7-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «< 14-بەش يىل > لىق يىرىك پىلاننى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش» يۈرۈشلۈك باش تېمىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
يىغىندا، دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەي زىلى مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەت باج باش ئىدارىسى دەل جايىدا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئارقىلىق ئەمەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باج ئوغرىلاش، باجدىن قېچىشنى قەتئىي قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ، تور دىكتورى، مەدەنىيەت-كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى كەسىپكارلارنىڭ باج ئوغرىلاش، باجدىن قېچىش دېلوسىدىن 60 نەچچىنى ئاشكارىلىدى، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە چۆچۈتۈش داۋامىدا قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇش قارىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.
بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ داۋشۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە، نۇقتىلىق كىشىلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، تور دىكتورى، چولپان سەنئەتكارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم يۇقىرى كىرىملىك كىشىلەرنىڭ باج ئوغرىلاش، باجدىن قېچىش دېلولىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە، 2021-يىلىدىن بۇيان، تور دىكتورلىرىنىڭ باج ئوغرىلاش، باجدىن قېچىش دېلوسىدىن 360 نەچچىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، 3 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق باج پۇلىنى تەكشۈرۈپ تولۇقلىدۇق.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ