
خەلق گېزىتىنىڭ 28-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا شەرقىي جۇڭگو، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال قاتارلىق جايلاردا ئۇدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن ۋە گېئولوگىيەلىك ئاپەت يۈز بېرىپ، نۇرغۇن جايلاردا ئېغىر تالاپەت ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلار دەرھال ئاۋاز قوشۇپ، دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك چىڭىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈردى. نۆۋەتتە، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ ھايات ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىندى.
7-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيغا قارىتا كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، 3-دەرىجىلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويدى، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشخانىسى ئەۋەتكەن ئۈچ خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۈچ ئۆلكە، شەھەرنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ياردەملەشتى . دۆلەت ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتى دۆلەتنىڭ 4-دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويدى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەركەز خامچوتىدىن 50 مىليون يۈەن مەبلەغنى جىددىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ قارا يامغۇر، كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىنكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى قوللىدى.
28-چېسلا، بېيجىڭ شەھەرلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش قوماندانلىق ئىشتابى پۈتۈن شەھەر بويىچە كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش 1-دەرىجىلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، مەكتەپلەرنىڭ بارلىق تور سىرتىدىكى ئوقۇتۇش پائالىيىتى ۋە دالا ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى توختىتىپ، بارلىق مەنزىرە رايونى، باغچە، ئورمانچىلىق مەيدانلىرىنى تاقاپ، كەلكۈن تەھدىتىگە ئۇچرىغان ساياھەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش، خەتەردىن ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئېلىپ باردى. تيەنجىن شەھەرلىك پىلانلاش ۋە تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى بىلەن تيەنجىن شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بىرلىكتە گېئولوگىيەلىك ئاپەت، مېتېئورولوگىيەلىك خەۋپ-خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى. خېبېي ئۆلكىسى چېڭدې شەھىرى لۇەنپىڭ ناھىيەسى مايىڭزى مانجۇ يېزىسى شىگۇ كەنتىدە قاتتىق يامغۇر ياغقانلىقتىن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى، شۇ جاي دەرھال كۈچ تەشكىللەپ قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇردى، ئالاقىدار قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى ئىزدىدى ۋە قۇتقۇزدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ