7-ئاينىڭ 25-كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا ھەقسىز يەسلى مائارىپىغا ئالاقىدار تەدبىرلەرنى تەدرىجىي يولغا قويۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەقسىز يەسلى مائارىپىنى تەدرىجىي يولغا قويۇش مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە چېتىلىدىغان، كەلگۈسى تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرى.
جايلارنىڭ خىزمەت لايىھەسىنى تېزدىن ئىنچىكىلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۈستىگە ئېلىش نىسبىتى بويىچە ياردەم مەبلىغىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ۋاقتىدا تولۇق ئاجرىتىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ھەرىكەتچان كۆزىتىش-باھالاشنى كۈچەيتىپ، يەسلى قۇرۇش تەننەرخىنى ئىلمىي ھېسابلاپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ۋە پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرگە ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار بالىلار، يېتىم بالىلار ۋە مېيىپ بالىلار قاتارلىق توپلارغا قارىتىلغان سىياسەتنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
ئوقۇش يېشىدىكى نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىشى، مالىيە كۈچى ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىغا مەبلەغ سېلىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاپ، يەسلى باشقۇرۇش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەسلى باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يەسلىدىكى بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش كېرەك.