
دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، 2025-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بەلگىلىمە بويىچە پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن ھەم ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ئايدا ئالىدىغان پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈرىدىكەن، ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەش سەۋىيەسى 2024-يىلىدىكى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ %2ى بويىچە بېكىتىلىدىكەن.
كونكرېت تەڭشەش چارىسى جەھەتتە، دۆلەتنىڭ تەلىپى بويىچە، «نورما بەلگىلەپ تەڭشەش، چېتىپ تەڭشەش بىلەن مۇۋاپىق مايىللىشىشنى بىرلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت تەڭشەش چارىسى قوللىنىلىپ، كارخانا ۋە ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش چارىسى بىردەك بولىدىكەن.
بۇنىڭ ئىچىدە، نورما بەلگىلەپ تەڭشەشتە ئاساسلىقى جەمئىيەت ئادىللىقى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش ئۆلچىمى بىردەك بولۇپ، ئېيىغا كىشى بېشىغا 34 يۈەن كۆپەيتىلىدىكەن. چېتىپ تەڭشەشتە ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى كۆپ تاپشۇرغانلار كۆپ ئېلىش، ئۇزاق تاپشۇرغانلار كۆپ ئېلىش، كۆپ ئالغانلار كۆپ تەڭشىلىشتىن ئىبارەت رىغبەتلەندۈرۈش، چەكلەش مېخانىزمى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، خىزمەت قىلغاندا كۆپ ھەق تاپشۇرغان، ئۇزاق ۋاقىت ھەق تاپشۇرغان خادىملارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشىگەندە كۆپىيىدىغىنىمۇ نىسبەتەن كۆپ بولىدىكەن.
مۇۋاپىق مايىللىشىشتا نۇقتىلىق غەمخورلۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئاساسلىقى يېشى چوڭ پېنسىيىگە چىققان خادىملار ۋە جاپالىق، چەت، يىراق رايونلاردىكى پېنسىيەگە چىققانلارغا ئېتىبار بېرىشنى كۆرسىتىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ