«تاۋار ئىككىلىك كودى»نىڭ يېڭى دۆلەت ئۆلچىمى 7-ئايدا رەسمىي يولغا قويۇلدى

2025.07.24 15:59 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 23-كۈنى بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «تاۋار ئىككىلىك كودى»نىڭ دۆلەت ئۆلچىمى 7-ئايدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان. يېڭى ئۆلچەم يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىككىلىك كودتا تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر نامايان بولىدىكەن: دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئورتاق ئىشلىتىلىدىكەن، خەلقئارا ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدىكەن، ئېكسپورت تاۋارلىرىمۇ «بىر كود بىلەن پۈتۈن دۇنيادا يۈرۈشىدىكەن»؛ ئۇچۇر تولۇق بولۇپ، بىر ئىككىلىك كود بىلەنلا تاۋارنىڭ سالاھىيىتى، ئىشلەپچىقىرىش تۈركۈم-قېتىمى، رەقەملىك بەلگىسى، مۇھىت ئاسراش سانلىق مەلۇماتى قاتارلىق ئۇچۇرلار كۆرۈنىدىكەن؛ بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك بولۇپ، ئەنگە ئالدۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىش ئارقىلىق، ساختا ئىككىلىك كودنىڭ بازاردا ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. ئېكسپورت تاۋارلىرىنى مىسالغا ئالساق، كارخانا پەقەت ئورالما ئۈستىگە تور ئادرېسى تىپىدىكى ئىككىلىك كودنى باسسىلا، بەلگىگە ئالاقىدار قانۇن-نىزام، بەلگىلىمە، ئېكسپورت تەلىپى ۋە سېتىش ئىقتىدارى ئېھتىياجىنى بىرلا ۋاقىتتا قاندۇرالايدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ