يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكەت بويىچە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ 40 مىڭغا يېقىنلاشقانلىقى ئېنىق بېكىتىلدى

2025.07.23 14:55 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 22-كۈنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىلگەن ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى 30 مىڭدىن ئاشقان، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەر 40 مىڭغا يېقىنلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ قۇربان بولغانلار 500 گە، يارىلىنىپ مېيىپ بولغانلار 700 گە يېقىنلاشقان.

يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 15-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمان نەمۇنىچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قەھرىمانلارنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىشتىكى ئەندىشىسىنى تۈگىتىش؛ قانۇن-سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى بېكىتىش، تەقدىرلەش، كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئۇل خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش قېلىپلاشتۇرۇش؛ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان يەرلىك سىياسەت، قانۇن-نىزام سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ داۋالىنىش، قۇتقۇزۇش، مېيىپلىك نەپىقە پۇلى بېرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش، پەرزەنت تەربىيەلەش، تۇرالغۇ كاپالىتى، قانۇن ياردىمى قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەمگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئۇزاق ئۈنۈملۈك غەمخورلۇق مېخانىزمىنى كېڭەيتىپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولۇش، قىيىنچىلىقى بولسا ياردەم بېرىدىغان ئادەم بولۇش، كەلگۈسى ئۈمىدلىك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش فوندى تەسىس قىلىشنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ توپلاش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ