7-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى باشلاندى

2025.07.21 16:06 مەنبە: خەلق تورى

7-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە، باش تېمىلىق مۇزىكا «ئۇسسۇل ئوينايلى»نىڭ تونۇش مېلودىيەسى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ياڭراپ، 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. ئۇسسۇل بايرىمى مەزگىلىدە، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ 24 سەنئەت ئۆمىكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كۆرۈرمەنلەرگە 52 مەيدان ئويۇن قويۇپ بېرىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق سەككىز دۆلەتتىن كەلگەن سەنئەت ئۆمەكلىرى ھەمدە مەركىزىي بالېت ئۆمىكى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام سەنئەت ئۆمىكى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى 16 ئويۇن قويۇش ئۆمىكى جەم بولغان بولۇپ، ئويۇن ئۇسسۇللۇق تىياتىر، ئوپېرا، بالېت، ھازىرقى زامان ئۇسسۇلى قاتارلىق كۆپ خىل سەنئەت شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمى ئويۇن قويۇش پائالىيىتىدە ئۈرۈمچى شەھىرى ئاساسىي مەيدان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى، قومۇل شەھىرى، ئارال شەھىرى شۆبە مەيدان قىلىنغان بولۇپ، پائالىيەت 8-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ