
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يېقىندا، 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 6 ـ نۆۋەتلىك كۆزىتىشىنىڭ 16 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كۆزىتىلىدىغان رايونلارغا ئارقا-ئارقىدىن كىرىپ ئورۇنلاشتى.
مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كىرىپ ئورۇنلاشتى، قوبۇل قىلىش تېلېفونى ۋە خەت ساندۇقى ئېلان قىلىندى
يېقىندا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كىرىپ ئورۇنلىشىپ، ئىككى يېرىم ئاي ئەتراپىدا دائىملىق كۆزىتىشنى قانات يايدۇرىدۇ.
كۆزىتىش مەزگىلىدە، مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى ۋە پوچتا خەت ساندۇقى تەسىس قىلىپ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، ئاممىدىن كەلگەن خەت، تېلېفون، ئەرزىيەتنى قوبۇل قىلىدۇ.
مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى كۆزىتىدۇ.
مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى: 2380533-0991
ھەر كۈنى تېلېفون قوبۇل قىلىش ۋاقتى: سائەت 10:00 دىن 20:00 گىچە
مەخسۇس پوچتا خەت ساندۇقى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى A396 خەت ساندۇقى
كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش ۋاقتى 2025-يىل 9-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە بولىدۇ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ