ترامپ: كوكاكولا شىركىتى ئامېرىكا نۇسخىسىدىكى كولاغا ھەقىقىي شېكەر قومۇش شېكىرىنى ئىشلىتىشكە قوشۇلدى

2025.07.18 15:30 مەنبە: خەلق تورى

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى7-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئۆزىنىڭ كوكاكولا شىركىتى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، كوكاكولا شىركىتى ئامېرىكا بازىرىدىكى ئىچىملىكلەرگە شېكەر قومۇش شېكىرى ئىشلىتىشكە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ترامپ «ھەقىقىي ئىجتىمائىي ئالاقە» سۇپىسىدا يازما ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئىزچىل كوكاكولا شىركىتى بىلەن ئامېرىكا نۇسخىسىدىكى كولاغا ھەقىقىي شېكەر قومۇش شېكىرى ئىشلىتىش توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتىمەن، ئۇلار قوشۇلدى. مەن كوكاكولا شىركىتىنىڭ بارلىق مەسئۇللىرىغا رەھمەت ئېيتىمەن.»

كوكاكولا شىركىتىنىڭ بىر باياناتچىسى ئۆزلىرىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتقا ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى ناھايىتى تېزلا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ترامپنىڭ ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىغا بولغان قىزغىنلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ