ئاپتونوم رايونىمىز «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش»پىلانى بويىچە 2640 خادىم قوبۇل قىلىدۇ

2025.07.18 15:34 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2025-يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانى بويىچە قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلانغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانى بويىچە 2640 نەپەر خادىم قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان.

«ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا بېرىپ مائارىپقا، يېزا ئىگىلىكىگە، داۋالاشقا ياردەم بېرىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قېتىمقى «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانى بويىچە قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى 2025-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىككى يىل ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئادەم كۈچى بايلىق بازىرى باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىسى لۇ جيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش»كە قوبۇل قىلىنىدىغان ئادەم سانى بۇلتۇرقىدىن 40 ئادەم كۆپەيدى. ئىش ئورنى ئاساسلىقى نۇقتىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش رايونى، يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ناھىيە-بازارلار، چېگراغا جايلاشقان ناھىيە-شەھەرلەر ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ھەم كاپالىتى ياخشى ئورۇنلارغا مايىللاشتۇرۇلىدۇ. قوبۇل قىلىش شەرتى كەڭ قويۇۋېتىلىدىكەن، نوپۇس، جىنس، مىللەت قاتارلىق چەكلىمىسى يوق.

«ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» بويىچە قوبۇل قىلىنغان خادىملارغا مۇلازىمەت مەزگىلىدە ئاي بويىچە خىزمەت، تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىلىدۇ. ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى ھەر بىر كىشىگە يىلىغا 40 مىڭ يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىدۇ، باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ھەر بىر كىشىگە يىلىغا 30 مىڭ يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى مۇلازىمەت ئورۇنلىرى ھەر ئايدا 500 يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىدۇ. يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ھەمدە ئىش ئورنىدا مۇلازىمەت قىلغىنىغا ئالتە ئاي توشقان «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» خادىملىرىغا بىر قېتىمدىلا 3000 يۈەن ئورۇنلىشىش پۇلى بېرىدۇ.

2025-يىللىق «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانىغا قاتنىشىشنى خالايدىغانلار «شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت» ئۈندىدار سالونىغا دىققەت قىلسا ياكى ھەرقايسى جايلاردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئېلان قىلغان قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرۈپ تەپسىلىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ تىزىملاتسا بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ