مائارىپ مىنىستىرلىقى: بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دەرس ئۆتۈش، دەرس تولۇقلاش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي توسۇش كېرەك

2025.07.17 14:38 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى «2025-يىللىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئاساسىي مائارىپنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى ئۆستۈرۈش يىلى ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»دىكى ئالاقىدار تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دەرس ئۆتۈش، دەرس تولۇقلاش، مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇش باشلاش، كېچىكتۈرۈپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش قاتارلىق قايتا-قايتا چەكلىسىمۇ تۈگىمەيدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش يۈكى زىيادە ئېغىر بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەسىلىلەرنى قەتئىي توسۇش كېرەك. ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۇنىۋېرسال يېتىلدۈرۈش، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يازلىق تەتىللىك تاپشۇرۇق ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇپ، يان تېلېفون ئارقىلىق تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارغا يان تېلېفون ئارقىلىق تاپشۇرۇق ئىشلەتكۈزۈش ياكى ئاتا-ئانىلاردىن تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى قەتئىي توسۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زىيادە ئېغىر دەرس يۈكىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ