گۇاڭچاڭ ناھىيەسىدىكى نېلۇپەر پەن-تېخنىكا كۆرگەزمە سارىيىدا نېلۇپەرلەر پورەكلەپ ئېچىلغانىدى، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇردىن كېيىن يامغۇر سۈيى چاپلىشىپ تۇرغان گۈل بەرگىلىرى تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنۈپ، كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى. خەلق تورى مۇخبىرى شى يۈ فوتوسى

گۇاڭچاڭ ناھىيەسىدىكى نېلۇپەر پەن-تېخنىكا كۆرگەزمىخانىسىدا ھەر خىل رەڭدىكى نېلۇپەرلەر پورەكلەپ ئېچىلغانىدى. خەلق تورى مۇخبىرى شى يۈ فوتوسى

بىر قېتىملىق گۈلدۈرمامىلىق يامغۇردىن كېيىن، جياڭشى ئۆلكىسى گۇاڭچاڭ ناھىيەسىدىكى نېلۇپەر پەن-تېخنىكا كۆرگەزمە سارىيىدا پورەكلەپ ئېچىلغان نېلۇپەر گۈلى بىلەن ياتما نېلۇپەر گۈلى كۆزلەرنى قاماشتۇرۇپ، كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى، پەن تەتقىقات خادىملىرى نېلۇپەر كۆلچىكىنى پەرۋىش قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، ساياھەتچىلەر بولسا گۈل دېڭىزىدا بەخىرامان سەيلە قىلىپ، چېچەكلەرنى تاماشا قىلىپ داكا قىلدى.
گۇاڭچاڭ ناھىيەسىنىڭ نېلۇپەر پەن-تېخنىكا كۆزگەزمە باغچىسى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ بۇرۇنقى زىليەن تەتقىقاتى، كۆرگەزمە سۇپىسى بولۇپ، باغچىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە نېلۇپەر ۋە ياتما نېلۇپەر سورتىدىن 500 خىلدىن ئارتۇقى بار، تومۇز ئىسسىق مەزگىلدە، نېلۇپەر گۈللىرى بەس-بەستە ئېچىلىپ، رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىپ، خۇددى بىر پارچە جانلىق، گۈزەل سۇ بوياق رەسىمگە ئوخشاپ كېتىدۇ.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، نۆۋەتتە، گۇاڭچاڭ ناھىيەسى پەن تەتقىقات كۈچىگە تايىنىپ، ئالتە قېتىملىق ئالەم قاتنىشى مۇتاگېنلىق سورت يېتىشتۈرۈش تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، «بوشلۇق نېلۇپەر» يۈرۈشلۈك سورتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈپ، ئاق نېلۇپەرنىڭ ھەر مو يەردىكى بىرلىك ھوسۇلىنى 30-40 كىلوگىرامدىن 80-120 كىلوگىرامغا ئاشۇردى. «بوشلۇق نېلۇپەر 36-نومۇر» سورتى دۆلىتىمىز زىليەن ئىشلەپچىقىرىش رايونىدىكى ئاساسلىق تېرىلىدىغان سورتلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، يىلدا كېڭەيتىپ تېرىلىدىغان تېرىلغۇ كۆلىمى 2 مىليون مو ئەتراپىدا بولۇپ، جەمئىي 20 مىليون مودىن ئارتۇق يەردە كېڭەيتىپ تېرىلدى، بۇ، مەملىكەت بويىچە زىليەن تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. گۇاڭچاڭ ھازىر مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئاق نېلۇپەر ئۇرۇقى كىرگۈزۈش بازىسىغا ئايلاندى، ھەر يىلى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىدىغان بوشلۇق نېلۇپەر ئۇرۇقى تەخمىنەن 80 مىليون تۈپ بولۇپ، نېلۇپەر تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم مەنبەگە ئايلاندى.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، گۇاڭچاڭ ناھىيەسى بويىچە ئاق نېلۇپەرنىڭ يىللىق تېرىلغۇ كۆلىمى 110 مىڭ مو ئەتراپىدا مۇقىملاشقان، ئۇنىۋېرسال مەھسۇلات قىممىتى 4 مىليارد 340 مىليون يۈەنگە يەتكەن، 2024-يىلى كاۋاك ئاق نېلۇپەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 9500 توننىغا يەتكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ