خۇش خەۋەر! بېلەت كۆتىكى بولسا كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ!

2025.07.16 15:05 مەنبە: خەلق تورى

بۈگۈندىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەر ۋە كۆرگەزمىلەرنىڭ بېلەت كۆتىكى، خىزمەت كىنىشكىسى، مۇسابىقىگە قاتنىشىش نومۇر لاتىسى بولسا، پائالىيەتنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بىر ھەپتە ئىچىدە شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋانات باغچىسىنىڭ تۇنجى كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋانات باغچىسىدىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، 2025-يىللىق ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى بېرىپ بولغانلارغا ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىگە ئاساسەن ھەر بىر ئادەمگە 15 يۈەن (پويىز بېلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئېتىبار قىلغاندىن كېيىن، بۇ باغچا يەنە يېڭى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويغان.

شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋانات باغچىسى ساياھەت پىلانلاش تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پى لىننا مۇنداق دېدى: 2025-يىللىق شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ساۋمېي مۇزىكا بايرىمىدىن كېيىن، 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى، 2025-يىللىق ئۈرۈمچى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى قاتارلىق بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەر پات ئارىدا ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ باغچە بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ پائالىيەتلەرگە قاتناشقۇچىلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ