رەسمىي باشلاندى! ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇنۋان باھالاش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك

2025.07.16 15:00 مەنبە: خەلق تورى

7-ئاينىڭ 14-كۈنى، 2025-يىللىق ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى يۈرۈشلۈك باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى، ئوقۇتۇش مۇلازىمەت كەسپى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى يۈرۈشلۈك ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇنۋان باھالاش يىغىنى ئېچىلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2025-يىللىق ئۇنۋان باھالاش خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇ يىللىق باھالاش قۇرۇلۇش، يېزا ئىگىلىكى، ھۈنەر-سەنئەت، ئاخبارات، ئارخىپ، سەنئەت، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ (يەسلى) ئوقۇتقۇچىلىرى قاتارلىق 20 نەچچە يۈرۈشلۈك (كەسىپ)كە چېتىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى باھالاشتا، ئۈرۈمچى شەھىرى باھالاش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇردى. ئىلتىماس قىلىش دائىرىسى جەھەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشلەۋاتقان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە كەسپىي تېخنىكا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەركىن كەسىپتىكىلەر، باشقا جايلاردىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇرۇپ كەسپىي تېخنىكا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى باھالاشقا قاتناشسا بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ