جۇڭگو-ئەزەربەيجان ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى 7-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ، جۇڭگونىڭ «ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش دوستلار چەمبىرىكى»+ 1! كېلىشىمگە ئاساسەن، كۈچكە ئىگە جۇڭگونىڭ ئادەتتىكى پاسپورتى ۋە ئەزەربەيجاننىڭ ئادەتتىكى پاسپورتى بارلار، ئەھدىنامە تۈزۈشكەن يەنە بىر تەرەپنىڭ چېگراسىدىن كىرىش، چىقىش ياكى چېگراسىدىن ئۆتۈشتە، بىر قېتىملىق توختاش ۋاقتى 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمىسە، ھەر 180 كۈندە جەمئىي توختاش ۋاقتى 90 كۈندىن ئېشىپ كەتمىسە، ۋىزا بېجىرىش كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو «ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش دوستلار چەمبىرىكى»نىڭ دائىرىسى كۈچلۈك كېڭەيدى. ھازىرغا قەدەر، جۇڭگو ئۆز ئالدىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلغان ۋە چېگرادىن ئۆتۈشتە ۋىزا كەچۈرۈم قىلغان دۆلەت ئايرىم-ئايرىم ھالدا 47 ۋە 55 كە كۆپەيدى. «China Travel» دېگەن سۆز چەت ئەلدە داڭق چىقىرىپ، دۇنيادىكى ساياھەتچىلەر ئىنتىلىدىغان يېڭى مودىغا ئايلاندى، شۇنداقلا كۆپ مەنبەلىك ساياھەت، مەدەنىيەت دولقۇنىغا تېخىمۇ تۈرتكە بولدى.